خۇاڭ جىفېڭ: خەلقئارا خوڭكوڭدىكى ئاق تېررولۇققا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك

خۇاڭ جىفېڭ: خەلقئارا خوڭكوڭدىكى ئاق تېررولۇققا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم تۇتۇپ كېتىلگەن خوڭكوڭدىكى داڭلىق سىياسىي پائالىيەتچى خۇاڭ جىفېڭ تۈنۈگۈن قايتىدىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن.
نەچچە يىلدىن بېرى خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان 23 ياشلىق خۇاڭ جىفېڭ 30-ئاۋغۇست خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئەتىسى كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، 8-سېنتەبىر گېرمانىيەگە مېڭىش ئالدىدا ئايرودرومدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
خوڭكوڭ ساقچىلىرى بۇ قېتىملىق تۇتۇپ كېتىشنىڭ كېپىللىك ھۆججىتىدىكى مەلۇم خاتالىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە تۈنۈگۈن ئۇنى قايتىدىن شەرتلىك كېپىللىككە قويۇۋەتكەن.
خۇاڭ جىفېڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي كونتروللۇقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي باستۇرۇشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان خوڭكوڭدىكى ئاق تېررورلۇققا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 738 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2019 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق