ئۇيغۇر بازارلىرى ئۇيغۇرسىز قالدى

ئۇيغۇر بازارلىرى ئۇيغۇرسىز قالدى

2-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەر ۋە بازارلاردا ئۇيغۇرلار ئازلاپ، خىتايلار شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغان.
شەرقىي تۈركىستاندىن ئىستىقلال بۆلۈمىمىزگە ئۇچۇر يوللىغان شەخس مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: «مەن ئون يىلنىڭ ئالدىدا بازارغا چىقسام خىتاينى ئاندا-ساندا كۆرەتتىم. ئەمما ھازىر بازارغا چىقسام ئۇيغۇرنى ئاندا-ساندا كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ سانى شىددەت بىللەن كۆپىيىشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە يەرلىرىدە خىتاينىڭ نوپۇسى يەرلىك مىللەت نوپۇسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان بولدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيەلىرىگە ئاتالمىش شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نامىدا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ.
خىتاينىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىتايلارنى ھەرخىل ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. بىر خىتاي ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلسا، 100مىڭ يۈەن خىتاي پۇلى بەرگەندىن سىرت، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ماشىنا، ئولتۇراق ئۆي قاتارلىقلار ھەقسىز بېرىلىدۇ.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىنى تېز سۈرئەتتە كونترول قىلىپ بولدى. چۈنكى خىتاي بىرەر ئىش قىلىمەن ياكى تىجارەت قىلىمەن دېسە، مىليونلاپ ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدۇ. ئەمما يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار 5000 يۈەن ئۈچۈن ئايلاپ قاتراپ، تەسلىكتە ھەل قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن ئىشلەمچى خىتاي بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن چوڭ مېھمانسارايلارغا ئىگە بولۇپ قالىدۇ. بۇلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ رايون ئىقتىسادىنى خىتايلارنىڭ ئىگىلىۋېلىشىنى قوللاش سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇلارنى خىتاي پىلانلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ۋەھىمە ئىچىدە ياشىغاچقا، ھەتتا قۇربانلىق قوينىڭ تېرىسىنىمۇ مەسچىتكە بېرىشتىن قورقۇپ تاشلىۋەتتى».

بۇ خەۋەر 1503 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2019 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق