ئامېرىكىلىق ئالىم غەرب دۇنياسىنى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكىلىق ئالىم غەرب دۇنياسىنى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

تىبەت ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىلىق ئالىم ماقالە ئېلان قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
ئامرىكىلىق ئالىم مايك موفېت بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، تارىختىن بۇيان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى، سىياسەتنىڭ ھەممە جايدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىدىن سىياسەتنى تولۇق ئايرىۋېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ببلدۈرگەن.
ئۇ ماقالىسىدە 1936-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مىسال كەلتۈرگەن بولۇپ، ناتسىست گېرمانىيە سەۋەبلىك ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى، شۇنىڭغا ئوخشاش تىبەتلەرنى، خوڭكوڭلۇقلارنى ۋە جازا لاگېرى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان خىتاينىڭمۇ بايقۇت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنى «دۇنيانى بۇلغىغۇچى» دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، ئەگەر خىتاي جىنايى قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېپلوماتىك بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش بولسا بۇنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 902 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2019 08:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق