خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ماددىسىدىن پايدىلىنىپ نامايىشنى باستۇرۇش پىلانى دىققەت قوزغىدى

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ماددىسىدىن پايدىلىنىپ نامايىشنى باستۇرۇش پىلانى دىققەت قوزغىدى
ب ب س تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «جىدىي ئەھۋال قانۇن ماددىسىنى»نى ئىجرا قىلماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.
«جىددىي ئەھۋال قانۇن ماددىسىغا» ئاساسەن خوڭكوڭنىڭ ھۆكۈمەت رەئىسى جىددىي ئەھۋالدا ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆز ئالدىغا مۇۋاپىق دەپ قارىغان قائىدە-تۈزۈملەرنى چىقارسا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. لىنجېڭ يۆئې بۇ پىلاننىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنكار قىلمىغان.
بۇ قانۇنغا ئاساسەن خوڭكوڭ ھۆكۈمەت باشلىقى نەشرىيات، ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرەلەيدىكەن، ھەتتا باشقۇرۇپ، چەكلىيەلەيدىكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا خوڭكوڭ ھۆكۈمەت باشلىقى تېلېگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى تاقىۋېتەلەيدىكەن.
ئۇندىن باشقا ھۆكۈمەت باشلىقى بۇ قانۇنغا ئاساسەن ھەرقانداق كىشىنى قولغا ئېلىشقا، تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەن.
مەزكۇر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئالاقىدار كىشىلەر بۇ قانۇننىڭ دائىرىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كەڭرى ئىكەنلىكىنى، لىنجېڭ يۆئېنىڭ بۇ قانۇن ماددىسى ئارقىلىق خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نامايىش قىلىش، يىغىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلىيەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قولغا كەلگەن تىنچلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ساختا تىنچلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى توقۇنۇش بارغانسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن ساقچىلار ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، نامايىشىلارنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ئۈچ ئايدىن بۇيانقى نامايىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىشى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 730 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2019 10:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق