خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «بەش خىل تونۇش» ئېڭىنى سىڭدۈرمەكتە

خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «بەش خىل تونۇش» ئېڭىنى سىڭدۈرمەكتە
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇۋانى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، «بەش خىل تونۇش»نى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
يىغىندا «بەش خىل تونۇش چۈشەنچىسى»نى نۇقتىلىق ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تەتبىقلاشقا، ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇ بەش خىل ئۆلچەمگە چۈشۈرۈپ تەربىيەلەشكە چاقىرىق قىلىنغان.
بەش خىل تونۇش چۈشەنچىسى بولسا «ئۇلۇغ ۋەتەننى ئېتىراپ قىلىش»، «جۇڭخۇا مىللىتىنى ئېتىراپ قىلىش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش»، «خىتاي كومپارتىيەسىنى ئېتىراپ قىلىش» ۋە «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنى ئېتىراپ قىلىش»نى كۆرسىتىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1808 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2019 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق