ياۋروپا ئىتتىپاقى خوڭكوڭدىكى تەرەپلەرنى كەڭ دائىرىلىك دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

 ياۋروپا ئىتتىپاقى خوڭكوڭدىكى تەرەپلەرنى كەڭ دائىرىلىك دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

19- ئاۋغۇست ئامېرىكا ئاۋازى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان «جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن لايىھەسى »نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خوڭكوڭ رايونىدا جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن «كەڭ دائىرىلىك دىيالوگ ئۆتكۈزۈش» كە ئېھتىياجلىق  ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 2 ئايدىن بۇيان كۆپ ساندا پۇقرانىڭ يىغىلىش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىدىن پايدىلانغانلىقىنى، بىراق يېقىنقى كۈنلەردە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مۆتىدىل ھەرىكەت قىلىش، زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ۋە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم  تاشلىنىشنىڭ  ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سىغدۇرۇشچان ۋە كەڭ دائىرىلىك دىيالوگ ئۆتكۈزۈلۈشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى،  خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئاساسىي ھەق – ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىتا خىتاينىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 5198 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2019 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق