ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا ھۇجۇم قىلدى

ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا ھۇجۇم قىلدى

-12 ئاۋغۇست ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلارنىڭ «<ئەلمەسىرە> تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە.  ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىدىكى ھەربىي نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلغان.

خەۋەردە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان جازان ۋىلايىتىدىكى تۇۋال چېگرا ئېغىزى ئەتراپىدىكى ھەربىي نۇقتىلار توپقا تۇتۇلغانلىقى، بىر ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى، ھۇجۇمداسەئۇدى ئەرەبىستان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسىمۇ بىراق  سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات بەرمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 10824 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2019 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق