كۆكنۇر بالىلار باغچىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

كۆكنۇر بالىلار باغچىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
7-ئاۋغۇست كۆكنۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى قارمىدىكى كۆكنۇر بالىلار باغچىسى سەفاكۆي توي مەرىكە زالىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئابدۇراھمان جامال قەشقەرىي، دوكتور بۇرھان سىتى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يەسلىدە جەمئىي 40 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇ قېتىم 36 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. مۇراسىمدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قۇرئان تىلاۋەت قىلدى. ئارقىدىن بالىلارغا خاس ھەرخىل نومۇرلار ۋە ئويۇنلار كۆرسىتىلدى.
كۆكنۇر بالىلار باغچىسى 2017-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، يەسلىدە ئانا تىل، قۇرئان كەرىمدىن ساۋات چىقىرىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت، تۈرك تىلى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، يەسلى قۇرۇلغاندىن بېرى ئوقۇغۇچىلار ئىككى قارار ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 1692 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2019 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق