نامايىشچىلار ۋىكتورىيا پورتىدىكى خىتاي بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىدى

نامايىشچىلار ۋىكتورىيا پورتىدىكى خىتاي بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىدى
4- ئاۋغۇست غەربىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خوڭگوڭدىكى نامايىشچىلار ۋىكتورىيا پورتىدىكى خىتاي بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىغان.
خەۋەردە، نامايىشچىلار ۋىكتورىيا پورتىدىكى خىتاي بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن ئالدىن بەلىگەنگەن يوللاردىن ھالقىغان ھالدا يۈرۈش قىلماقچى بولغانلىقى، ساقچىلار نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىپ نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىققانلىقى، نامايىشچىلارنىڭ شەھەرنىڭ مەركىزىي يوللىرىنى توسۇپ يېشىكلەرگە ئوت يېقىپ، توساقلارنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشقانلىقى، ناتھان يولى كوچسىغا توپلاشقان نامايىشچىلارنىڭ تسىم شا تىسۇي ساقچى مەركىزىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشنى باشلىشى بىلەن ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا مولوتوپ (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئېتىشى تۈپەيلى يۈز بەرگەن ۋەقەدە، بىر قانچىلىغان نامايىشچى نازارەتكە ئېلىنغانلىقى، ساقچىلار نامايىشچىلارغا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە يولدىلا نامايىش قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئىگىلنىشچە، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى، خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا خالىغانخە قولغا ئېلىش، ئادالەتسىز سوت قىلىش ۋە ھەتتا قېيىن - قىستاققا ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. ئەگەر بۇ قانۇن قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەرنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىۋىلىشتەك نەتىجىلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن. سۇ سەۋەبلەردىن خوڭكوڭ ۋالىيسى كاررې لام 15 – ئىيۇندا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قانۇن تەكلىپىنىڭ خوڭكوڭدىكى چوڭ پىكىر ئىختىلاپى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى جاكارلاپ خەلقتىن كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ بىراق نامايىشچىلار بۇ قانۇن تەكلىپى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالغانغا قەدەر نامايىشلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 5256 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2019 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق