ئىستانبۇلدا قۇربان ھېيتلىق ئۇيغۇر بازىرى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا قۇربان ھېيتلىق ئۇيغۇر بازىرى ئېچىلدى

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ئاياللار بۆلۈمى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى خانىم-قىزلار گۇرۇپپىسى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدىنىيەت تەتقىقات ۋەقفىدە ئۈچ كۈنلۈك تۈرلۈك ماللار يەرمەنكىسى ئورۇنلاشتۇردى.

يەرمەنكە 27-ئىيۇلدىن 29-ئىيۇلغىچە جەمئىي ئۈچ كۈن داۋاملاشتى. يەرمەنكىگە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى پىشۇرغان پېچىنە-پىرەنىك، ساڭزا ۋە ھەرخىل پىشۇرۇقلار، يەل-يېمىشلەر، تۈرلۈك مىللىي كىيىم-كېچەكلەر، مىللىي قاچا-قۇچىلار، زىبۇ-زىننەتلەر قاتارلىق قۇربان ھېيتقا كېرەكلىك بۇيۇملار قويۇلدى.

يەرمەنكە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا يېڭىچە تۈس بېرىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە پۇرسەت يارىتىش، ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئېچىلغان بولۇپ، يەرمەنكىگە قويۇلغان ھېيتلىق بۇيۇملار مۇۋاپىق باھادا سېتىلدى.

بۇ قېتىملىق سودا يەرمەنكىسى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، كۆپچىلىكىنىڭ تەلىپى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن يەرمەنكە 8-ئاينىڭ 3-كۈنى (شەنبە) قايتا ئېچىلىدىغان بولدى.

 

بۇ خەۋەر 1626 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2019 00:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق