خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

خىتاي ئىقتىساد تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەڭ يېڭى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا ئالدىنقى يېرىم يىلدا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ئىچىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 4.24 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %9.7 ئاشقان.
خىتاي بىلەن بولغان سودا سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان دۆلەتلەر رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر بولۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %11.5، %34 ۋە %11 بولغان.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سودا سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 2018-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 61 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %34 ئاشقان.
خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئاساسلىق ئىمپورت قىلىۋاتقىنى خام نېفىت، ئاساسلىق ئېكسپورتى ئېلېكترىك ئۈسكۈنىلەر بولۇپ، ھازىرغىچە خىتاينىڭ 200دىن ئارتۇق شىركەت-كارخانىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلىشىپ بولغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىندا يەنە پاكىستان بىلەن كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، گىۋادار پورتىدا نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇشقا 10 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدىكى مۇھىم شېرىككە ئايلاندۇرغان.

بۇ خەۋەر 876 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2019 00:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق