يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

دوۋېي تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەنۋەر تۇرسۇن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئەمما ئۇنىڭ قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ئاشكارىلانمىغان.
ئەنۋەر تۇرسۇن 1966-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان بولۇپ، 1987-يىلى خىزمەتكە چىققاندىن تارتىپ قەشقەر ۋىلايىتىدە خىزمەت قىلىپ كەلگەن.
بۇ خىتاينىڭ نۇر بەكرىگە ھۆكۈم ئېلان قىلغىنىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 1721 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2019 00:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق