سۇلايمان سويلۇ چەتئەللىك پاناھلانغۇچىلار ھەققىدە توختالدى

سۇلايمان سويلۇ چەتئەللىك پاناھلانغۇچىلار ھەققىدە توختالدى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۆچمەنلەرنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋېتىش سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
پىروگراممىغا قاتناشقان سۇلايمان سويلۇ بۇ يىل 163 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەننىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە بۇلاردىن 43 مىڭ كىشىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا بۇ يىل 6122 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلاردىن 2691 كىشىنىڭ ئافغانىستانلىق، 1619 كىشىنىڭ پاكىستانلىق ئىكەنلىكىنى ۋە 1000غا يېقىن كىشىنىڭ سۇرىيەلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان پاناھلانغۇچىلار ئارىسىدا 547 مىڭ كىشى سۇرىيەلىك بولۇپ، جەمئىي بىر مىليون 69 مىڭ كۆچمەننىڭ رويخەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە بۇ سۇرىيەلىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق قوغداش دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سۇلايمان سويلۇ ۋاقىتلىق قوغداش دائىرىسىدىكى سۇرىيەلىكلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغان ئەھۋال يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
سۇلايمان سويلۇ ۋاقىتلىق قوغداش دائىرىسىدىكى سۇرىيەلىكلەر ئەگەر رويخەتكە ئېلىنمىغان بولسا، پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى، رويخەتكە ئېلىنغانلار قايسى ۋىلايەتتە رويخەتكە ئېلىنغان بولسا، شۇ ۋىلايەتكە يوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھازىر پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا 100 مىڭ كىشى بارلىقىنى قەيت قىلغان.

بۇ خەۋەر 743 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2019 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق