ئىي پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ئەردوغاننى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئىي پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ئەردوغاننى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيەدىكى مىللەتچى پارتىيەلەردىن بىرى ئىيى پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر تۆنۈگۈنكى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە قاتتىق سۆزلەر بىلەن جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننى ئەيىبلىدى.
ئۇ سۆزىدە؛ ياپونىيەدىن كېيىن خىتاي زىيارىتىگە ماڭغان ئەردوغانغا زىيارەتتىن بۇرۇن بىر چاقىرىقتا بولغان ئىدىم ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يەنە بىر قېتىم كۆردۈقكى، زۇلۇمغا ئۇچرىغان تۈرك بولسا، ئەردوغاننىڭ خىيالىغا كەلمەيدىكەن. شەرقىي تۈركسىتاندىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلدى.
خىتاي ئاخباراتلىرى بولسا تېخىمۇ ۋەھىيمىلىك ھالدا ھۆرمەتلىك ئەردوغاننىڭ: شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ھۇزۇر ئىچىدە بەخىتلىك دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان بۇ سۆزلەرگە ئەڭ تىز ۋاقىتتا ئېنىقلىما بېرىشى كېرەك.
ھۆرمەتلىك ئەردوغان زۇلۇمغا قاراپ تۇرۇش بىلەن كۇپايىلەنمەي، يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا ئالقىش تۇتتىمۇ؟
كىچىك شېرىك مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ دۇنياسى ئورۇندۇقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ ئاۋازى چىقمايدۇ.
ئەمما تۈرك دۆلىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى كۆك بايراقنىڭ تۇپرىقىدىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدۇ. قالماسلىقى كېرەك.
ھۆرمەتلىك ئەردوغانغا ئەسلىتىمەن: زۇلۇمغا رازى بولۇش، زۇلۇمدۇر.

ئازاپاي سەن ياخشى بىلىسەنكى، بىر يەردە بىر كۆك بايراق يىقىلسا، باشقا بىر يەردە بىر ئال بايراق تىكلىنىدۇ، مەيلى ئال بايراق، مەيلى كۆك بايراق، يەنى قىيامەتكىچە بىزنىڭ بايراقلىرىمىز يەرگە چۈشمەيدۇ!
دىلاۋەر جەبەجىنىڭ ئوسمان باتۇرنىڭ قىزى ئازاپاي ئۈچۈن يازغان بۇ سۆزىنى ئەجىبا سەن ئاڭلاپ باقتىڭمۇ؟
ھۆرمەتلىك ئەردوغان بۇنى ھېچ ئاڭلاپ باقتىڭمۇ؟
بۇ يېتىم تۈركلىكىمىز ساڭا ئوخشاش خىتاينىڭ يىپەكلىرىگە ئالدانغانلارنى كۆپ كۆردى،
نە بىرىنچىسى، نە ئاخىرقىسى ئەمەسسەن. ئەمما بىز مەۋجۇتلا بولىدىكەنمىز زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان ئازاپايلارنى ئەسلا ئۇنتۇمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرمايمىز!
دېگەن ئىپادىلەردە بولدى.

مەنبە:https://www.facebook.com/fahri.kusan.7/videos/2322764074707470/UzpfSTEwMDAwOTIxNzAxMzMyMzoyMzIyNzY0MDg0NzA3NDY5/

بۇ خەۋەر 1135 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2019 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق