ئەلجەزىرە قانىلىدا دۇنيا خەلقى خىتاينىڭ ئالدامچىلىقىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىق قىلىندى

ئەلجەزىرە قانىلىدا دۇنيا خەلقى خىتاينىڭ ئالدامچىلىقىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىق قىلىندى

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇدىرى دوكتور ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق 8-ئىيۇل ئەلجەزىرە نەق مەيدان پىروگراممىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ يالغانچىلىقىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىق قىلدى.
ئۇ چاقىرىقتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا قاماش قىلمىشلىرى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا مۇھىم كۈنتەرتىپكە كەلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا پاش بولۇپ قالغانلىقىغا چىداپ تۇرالمىغان خىتاي يالغان مەيدانلارنى تەييارلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ب د ت ۋە باشقا دۆلەت ۋەكىللىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. بىر قىسىم مۇخبىرلار ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرى شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە باردى. خىتاي ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن يالغان مەيدان، كۆرۈنۈشلەرنى ياساپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئالداپ يولغا سالدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئازاب چېكىۋاتقان جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلمىدى. ھەتتا بىر قىسىم زىيارەتچىلەر خىتاي بەرگەن پۇل-مالغا ئالدىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا دۇنيا خەلقىنى، بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرىنى خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقى ۋە يالغانچىلىقلىرىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىق قىلىمەن».

مەنبە:https://twitter.com/ajmubasher/status/1148296754502283274?s=12

بۇ خەۋەر 1772 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2019 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق