خىتاي تەيۋەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوت ياسىدى

خىتاي تەيۋەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوت ياسىدى

دوۋېي تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا جەڭ قىلالايدىغان چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوتىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەيگە جايلاشقان خۇدۇڭ ھەربىي سانائەت زاۋۇتىدا خىتاي تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان 075 تىپلىق قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا جەڭ قىلالايدىغان ھەربىي پاراخوتنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇندىن بىر ھەپتە بۇرۇن بۇ ھەربىي پاراخوتنىڭ يېقىندىن تارتىلغان سۈرەتلىرى تورغا تارقىلىپ كەتكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، 075 تىپلىق ھەربىي پاراخوت 2012-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، سۇ چىقىرىش مىقدارى 36 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن ۋە بىرلا ۋاقىتتا 28 تىك ئۇچار قونالايدىكەن. ئۇندىن باشقا پاراخوتقا يېقىندىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە ئەڭ يېڭى ئېلېكترونلۇق جەڭ سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى يەنە 071 تىپلىق ھەربىي پاراخوتتىن سەككىزنى ياساۋاتقان بولۇپ، بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەيۋەنگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان.

مەنبە:http://news.dwnews.com/china/news/2019-07-02/60139676.html

 

بۇ خەۋەر 1040 قېتىم كۆرۈلدى
03/07/2019 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق