سارامىيە خانىم: مالايشىيادىكى خىتايچە مەكتەپلەر تاقىلىشى كېرەك

سارامىيە خانىم: مالايشىيادىكى خىتايچە مەكتەپلەر تاقىلىشى كېرەك

مالايشىيا supportdap تورىنىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالايشىيا ئىسلام پارتىيەسى ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سارامىيە خانىم خىتايچە مەكتەپلەرنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.
سارامىيە خانىم پارتىيەلەرنىڭ مۇزاكىرە يىغىنىدا توختىلىپ، خىتاي تىلىنىڭ مالايشىيانىڭ ئىككىنچى تىلى بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ خىتايچە مەكتەپلەرنى تاقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇ مالايشىيانىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلىنى خىتاي تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
سارامىيە خانىمنىڭ بۇ تەكلىپى خىتايلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

 

بۇ خەۋەر 1808 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 08:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق