دونالد ترامپ ئىرانغا قىلىنماقچى بولغان ھۇجۇم ھەققىدە توختالدى

دونالد ترامپ ئىرانغا قىلىنماقچى بولغان ھۇجۇم ھەققىدە توختالدى

22- ئىيۇن تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە،  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى تەستىقلىغانلىقى ۋە ئازلا قالغاندا ھۇجۇمدىن ۋاز كەچكەنلىكىگە دائىر باياناتىغا قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ھۇجۇمغا ئاخىرىقى تەستىقنى بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەردە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ «NBC» قانىلىغا قىلغان سۆزىدە، ھۇجۇمغا ئالاقىدار بارلىق تەييارلىقلارنىڭ تاماملانغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ ئاخىرىقى تەستىقنى بەرمىگەنلىكىنى، ترامپ بۇ ھۇجۇمدا قانچە كىشىنىڭ ئۆلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى سورىغاندا «150 ئەتراپىدا» دېگەن جاۋاپنى ئاڭلاپ قارارىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

دونالد ترامپ تىۋىتتېردا  ئېلان قىلغان ئىلگىرىكى باياناتىدا، پەيشەنبە كېچىسى ئىراننىڭ 3 يېرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى، بىراق 150 كىشىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا دائىر مەلۇماتنى ئالغاندىن كېيىن، ھۇجۇمغا 10 مىنۇت قالغاندا ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى چارشەنبە كۈنى ئاممان دېڭىز قولتۇقى ساھىلىدىكى ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۇھمۇبارەك شەھىرى دېڭىز ساھىلىدا ئىران ھاۋا سەھەسىگە رۇخسەتسىز كىرگەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە «RQ-4 Global Hawk» تىپلىق ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانىنى قۇرۇغلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئەمما مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ خەلقئارا ھاۋا ساھەسىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 886 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2019 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق