تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسىگە يەتتە تۈرلۈك تەلەپ سۇندى

 

تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسىگە يەتتە تۈرلۈك تەلەپ سۇندى

13-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور مۇستاپا شەنتوپنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەتتە تۈرلۈك تەلىپىنى سۇندى.

سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفىدىن دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئالدۇلئەھەد ئۇجاتلى، تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ  ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان سىياسىي چۈشەنچە ۋە تەتقىقات مەركىزىدىن ژۇرنالىست مۇساجان ئەر،  مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنيەت تەتقىقات ۋەقفىدىن ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، تۈركىيە ئاۋازى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىن ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرىي، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىن ئادىل مۇھەممەتئوغلى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىدىن دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىق توققۇز كىشىدىن  تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور مۇستاپا شەنتوپنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا پارلامېنت رەئىسىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى ۋە خەلقنىڭ كۈتكەن ئۈمىد ۋە تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنداقلا چەتئەلدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۆۋەندىكى مۇھىم مەسىلىلىرى  ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

1. سۇرىيەدە PKK تېررورچىلىرىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئاياللار ۋە بالىلار مەسلىسىنى ھەل قىلىش

2. ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىش

3. ئۇيغۇرلارنىڭ نامىغا قويۇلغان «G87» نومۇرلۇق قارا چېكىتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

4. ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇپ چىقىش

5. سەئۇدى ئەرەبىستاندا قارا نوپۇس بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

6. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر

7. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ داۋالىنىش، سۇغۇرتا مەسىلىلىرىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كۈتىۋاتقان ئۈمىدلىرى.

 

 

بۇ خەۋەر 3316 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2019 01:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق