تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

12-ئىيۇن تۈركىيە يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى باكىر كۆكدەمىرلى ئەپەندى بەيكوز رايونى بۇزھانە يېزىسىدا كۆكتاتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى.
ئۇيغۇرلار زىيارەتكە كەلگەن مىنىستىرنى بايراق كۆتۈرۈپ قارشى ئالدى. مىنىستىر ئۇيغۇرلار پەرۋىش قىلىۋاتقان كۆكتاتلارنى بىر-بىرلەپ كۆزدىن كەچۈردى.
زۇلۇمدىن قېچىپ تۈركىيەدە پاناھلانغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە تايىنىۋالماستىن، غەيرەت بىلەن تىرىشىپ، كۆكتاتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىن سۆيۈنگەن مىنىستىر ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلارنى ھەر دائىم قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1681 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2019 12:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق