شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئىپتارلىق بەردى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئىپتارلىق بەردى

-ماي نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى سەفاكۆيدىكى سەئىدىيە ئاشخانىسى ۋە زەيتىنبۇرنۇدىكى ئوغۇزخان ئاشخانىسىدا ئىپتارلىق بەردى.
ئىپتارلىققا ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىن ياردەم ئېلىۋاتقان ئانىلار ۋە بالىلار قاتناشقان بولۇپ، سەفاكۆيدىكى ئىپتارلىققا تۈركىيەدىكى ساخاۋەتچى كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن بۇ گۇرۇپپا ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى. زەيتىنبۇرنۇدىكى ئىپتارلىقنى بولسا ھىندونېزىيەنىڭ «ئا ج ت ياردەم گۇرۇپپىسى» ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىدى. ئىپتارلىقتا يەنە «ئا ج ت گۇرۇپپىسى»نىڭ ياردىمى بىلەن سېتىۋېلىنغان ئويۇنچۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەييار چۆپ زاۋۇتىدىن ئىئانە قىلىنغان تەييار چۆپلەر تارقىتىلدى.
ياردەمگە ئېرىشكەن ئاياللار ۋە بالىلار ھەرقايسى جەمئىيەت ۋە شەخسلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1455 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2019 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق