خىتاي ئامېرىكىغا قارشى ئىران بىلەن ماسلاشماقچى بولدى



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكىغا قارشى ئىران بىلەن ماسلاشماقچى بولغان.
خەۋەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، كۆرۈشۈشتە خىتاي بىلەن ئىراننىڭ كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى، ھازىرقىدەك خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
كۆرۈشۈشتە ۋاڭ يى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتا ئۆز ئالدىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە ۋە سوت ھوقۇقىنى چېكىدىن ئاشقان ھالدا ئىشلىتىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى، ئىراننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئەندىشىلىرىنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە، مۇھەممەد زارىفمۇ يادرو مەسىلىسىدە كۆرۈلگەن ھازىرقى جىددىيچىلىكنىڭ جاۋابكارى ئىران ھۆكۈمىتى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىش نىيىتى يوقلۇقىنى، بىرەر ئۇرۇش بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، پارس قولتۇقى رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشىنى، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ خەلقئارا تىرانسپورت قانىلى بولۇش سالاھىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىشكە ۋە ئىككى دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن كۆپ تەرەپلىكنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 698 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2019 18:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق