بەلۇجىستاندا خىتاي سودىگەرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى



12-ماي ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاننىڭ بەلۇجىستانغا تەۋە گۇۋادار پورتىدىكى ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
پاكىستان ئەمەلدارى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھەربىيچە كىيىم كىيگەن تۆت قورللىق كىشىنىڭ شەنبە كۈنى كېچىدە ئالىي دەرىجىلىك «مەرۋايىت قۇرۇقلۇق» مېھمانخانىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، مېھمانخانا بىخەتەرلىك ساقلاش خادىملىرى بلەن توقۇنۇشقانلىقىنى، ئاز دېگەندە ئۈچ بىخەتەرلىك خادىمى ۋە ئىككى مېھمانخانا مۇلازىمەتچىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، تۆت كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
پاكىستان بىخەتەرلىك قىسمى ھۇجۇمچىلارنى مېھمانخانىنىڭ لېفىتىدا قورشاۋغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ياكى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.
ۋەقەدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن بەلۇجىستان ئازادلىق تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، بەلۇجىستانغا مەبلەغ سالغىلى كەلگەن خىتاي ۋە چەتئەللىك سودىگەرلەرگە زەربە بېرىشىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بەلۇجىستانغا مەبلەغ سېلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇلغىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ دائىم بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېھمانخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا خىتاي سودىگەرلەر مېھمانخانىدا يوق ئىكەن.
بەلۇجىستان ئىران ۋە ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، پاكىستاننىڭ ئەڭ نامرات ئۆلكىلىرىدىن بىرى ھېسابلانسىمۇ، بىراق مول تەبىئي گاز ۋە ھەرخىل كان بايلىقلىرىغا ئىگە.

 

بۇ خەۋەر 1117 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2019 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق