مائارىپ جەمئىيىتى رامىزاندا ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى

 

 

مۇبارەك رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە ساپاكۆيدە يوقسۇللارغا تۇرمۇش بويوم ۋە نەخ پۇل تارقىتىپ بەردى.

 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ، 11- كۈنىگىچە 1150 يېشىك ئۇن، ياغ، گۈرۈچ قاتارلىق ياردەم بويۇمى ئاز دېگەندە 1000 ئائىلىگە تارقىتىپ بېرىلدى

يوقۇرقىلاردىن باشقا قىيىنچىلىقى ئېغىر، تۇل ئاياللاردىن 50 ئائىلىگە 300 لىرا دىن نەخ پۇل (جەمئىي 15.000 مىڭ لىرا ) بىر يېشىكتىن جەمئى 50 يېشىك ياردەم بويۇمى تارقىتىپ بېرىلدى.
ئىنشا ئاللاھ، مۇبارەك رامىزان ئېيى ئىچىدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇ خىلدىكى ياردەم بويۇملىرى تارقىتىلماقچى. بۈگۈنگىچە بۇ خىل پائالىيەتتىن خەۋەرسىز قالغان، ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى بىلىدىغانلار بولسا ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەنە شۇنداق ئېھتىياجلىق كىشىلەر بولسا تېنەپ، تەمتىرەپ يۈرمەي، ساپاكۆيدىن نىمەتۇللا ھاجىمنى، زەيتىنبۇرنۇدىن كېرەم قارىمنى تېپىپ، ئۇلارغا ئەھۋالىنى بىلدۈرسە بولىدۇ.

 

بۇ خەۋەر 1208 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2019 13:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق