ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى تورى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-ماي ئامېرىكا، ھىندىستان، ياپونىيە ۋە فىلىپپىندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى بار بولغان جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزگەن.
بۇ قېتىملىق ھەربىي مەشىق 2-مايدىن 8-مايغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، تۆت دۆلەتنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بىرلىكتە جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىن كېسىپ ئۆتكەن. فىلىپپىن ھەربىي مەشىققە ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەرنى ئاشكارىلىغان. گەرچە بۇنىڭدەك ھەربىي ھەرىكەتلەر كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا، ھىندىستان، ياپونىيە ۋە فىلىپپىندىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ بىرلىشىپ بۇ رايوندا ھەرىكەت قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىكەن.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى يېڭى بىر پەللىگە چىققان جىددىي پەيتتە بۇ ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشى خىتاي تەرەپكە بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتە ھازىرچە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرمىگەن.