قازاقىستاندا ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىكى شېھىتلەرگە ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى

قازاقىستاندا ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىكى شېھىتلەرگە ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى

3-، 4-ئىيۇل كۈنلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىكى شېھىتلەرگە ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلغان.
پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت ئالمۇتادىكى بىر نەچچە مەھەللىدە نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتتە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ۋە دۇئالار قىلىنغان.
پائالىيەتتە يەنە خىتاينىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ قانخورلۇقىغا قارشى نامايىش قىلغان ئۇيغۇر خەلقىنى قىرغىن قىلغانلىقى، نامايىشنى تىنجىتقاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقى قاتارلىقلار ئەسلىتىلىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ شېھىتلەرنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشى تەكىتلىنىش بىلەنن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى چۈشەندۈرۈلگەن.
پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېزرەك خىتاي زۇلمىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىنغان.

 

بۇ خەۋەر 1534 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2019 18:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق