شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇراسنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇراسنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
1-نويابىر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى شۇراسنىڭ 1-قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ چاپىدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن مەھمۇد نىياز قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئالدىنقى يىلى مائارىپ ھەرىكىتى يىغىنى ئېچىپ، مائارىپ ھەرىكىتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ھەققىدە بىر قاتار پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئالدىن تۈزۈلگەن پىلاننىڭ %80نىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلغان، مىللىي مەدەنىيەتنى بىرگە ئېلىپ مېڭىۋاتقان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى خەلقنىڭ يۈرەكلىك بولۇپ، پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يىغىلىشنىڭ «ئايلىق شۇرا يىغىنى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تاشقى ئىشلار مەسئۇلى مەھمۇد داموللام سۆز قىلىپ: جەمئىيەتتىكى قۇرۇق پىتنە-پاساتلارغا ئالدىنىپ كەتمەي، باشقىلارنىڭ خاتا سۆزلىرىگە يۈرەكلىك رەددىيە بېرىش كېرەك، دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇندىن باشقا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەنھىجىنىڭ ئاللاھ بۇيرۇغان مەنھەجكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنى تونۇپ يېتىپ، قاتتىق قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىراق خەلقنىڭ بۇ تونۇپ يەتمەي، تېخىچە ئويغانمىغانلىقىنى، بارلىق كۈچىمىزنى شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشقا قاراتمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خەلقنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە جانلىق ۋەكىللىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.


شۇرا يىغىنى ئەركىن مۇنازىرە، سۇئال –جاۋابلار بىلەن داۋاملىشىپ، مۇۋەپپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1909 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2019 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق