خىتاي ئەپ دېتاللار ئارقىلىق چەت ئەلدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن

يېڭى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئەپ دېتاللار ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىپ، چەت ئەلدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى يالغان تەشۋىقاتى ھەققىدە يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى Temu قاتارلىق ئەپ دېتاللىرىدىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، چەت ئەلدىكى نىشانلىق ئاممىنىڭ پىسخىك مايىللىقى، قارار چىقىرىش ئەندىزىسى، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىپ، چەت ئەلگە قاراتقان تەشۋىقاتنىڭ نۇقتىسى ۋە يۆنىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولغان.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە: «ئامېرىكا شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتايغا ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئەتراپلىق بولغان سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنىغا موھتاج» دېگەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (ASPI) بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي داڭلىق ئەپلەر، ئويۇنلار ۋە تور سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، چەت ئەلدىكى ئابۇنىتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىپ، نىشاندىكى قوللانغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مايىللىقى، ھەرىكىتى ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئەندىزىسىنى ئىگىلىگەن. بۇ جەرياندا خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى بىلەن خىتاي پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەر، ئويۇن دېتالى ئاچقۇچىلار خىتاي رېجىمىنىڭ زور مىقداردىكى تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر ئاي ئىلگىرى تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ Temu ئەپ دېتالىنى چۈشۈرگەن. ئۇ مەزكۇر مال سېتىۋېلىش سۇپىسىدىكى ئۆي بېزەكلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئامازون قاتارلىق تور دۇكانلىرىدىكى باھاغا سېلىشتۇرغاندا ئالاھىدە ئەرزان ئىكەنلىكىنى، باھاسىنىڭ پەقەت ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرگەن ۋە مال زاكاز قىلغان. ئەمما ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن تاپشۇرۇۋالغان بولاقنى ئاچقاندا، سېتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن ئون ھەسسە كىچىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنداقلا ماللارنىڭ تەسۋىرلەنگەندەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، تەشۋىقاتنىڭ پۈتۈنلەي ساختا ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئۇ بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، Temu ئەپ دېتالىنى دەرھال ئۆچۈرۈۋەتكەن، ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەدبىرى ئالدامچىلىق تېلېفونلىرى ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتالمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئاۋازىغا: «مەن خىتاينىڭ ئەپ دېتالىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا نۇرغۇن ئالدامچىلىق تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدىم. مېنىڭ ئۇچۇرلىرىم سانسىزلىغان كىشىلەرگە ئاشكارىلاندى» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1592 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2024 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق