ئامېرىكا تور ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي شىركىتى ۋە شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تور ھۇجۇمىغا چېتىلغان خىتاي شىركىتى ۋە شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزگەندىن باشقا، يەتتە خىتاي خاككېرنى يەرشارىۋى تور ھۇجۇمىغا چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 25-مارت بىر خىتاي شىركىتى ۋە بۇ شىركەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىككى خىتايغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلار خىتاي رېجىمىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ خاككېرلار ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارشى كۆپ خىل يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە مەزكۇر ئىككى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە خاككېرنى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، ئامېرىكىلىق سىياسىيونلار ۋە كارخانىلارنى نىشان قىلغان يەر شارىۋى تور ھۇجۇمى ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جازالانغان خىتاي شىركىتى ۋۇخەن شياۋرۈيجى تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بولۇپ، بۇ خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ نىقاب شىركىتى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ جازالاش ھەرىكىتى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرغان ئورتاق ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى يامان غەرەزلىك تور ھەرىكىتى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن يەنىلا ئەڭ چوڭ ۋە ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا خىتاينىڭ «APT31» دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر خاككېرلىق تورىنىڭ ئاقساراي، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئالىي ئەمەلدارلارنى، ئۇلارنى مەسلىھەتچىلىرىنى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى نىشانلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر خاككېرلار تورى خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى خۇبېي ئۆلكىلىك بىخەتەرلىك نازارىتىدە ئىشلەيدىغان بىر تۈركۈم خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي رېجىمىغا ۋاكالىتەن تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى قوزغايدىكەن. 2010-يىلى ئۇلار ۋۇخەن شياۋرۈيجى تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى نىقابلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1725 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2024 13:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق