خىتاي خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن نامايىشلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن نامايىشلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

14-نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن نامايىشلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنى ۋە ساقچى تەرەپنى جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىمىز. شەھەر تېررورىزمنىڭ مەيدانى بولۇپ قالدى، رايونلۇق ھۆكۈمەت قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بېرىشى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدىشى زۆرۈر. ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن نامايىشلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز. جۈملىدىن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىدىن قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشى ۋە جازالىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
مەلۇم بولۇشىچە،خوڭكوڭدا باشلانغان نامايىشلاردا يېقىنقى ھەپتىلەردە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەن. ئارىلىقتا بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان. رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نامايىش باشلانغانغاندىن بۇيان قولغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنىڭ سانى 3560قا يەتكەن.

بۇ خەۋەر 918 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2019 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق