خىتايلارنىڭ مەسچىتنى بەزمىخانا قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتايلارنىڭ مەسچىتنى بەزمىخانا قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

10-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم مەسچىتنى «مەدەنىيەت مەركىزى» دېگەن نامدا ئويۇن قويۇش، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دىنغا قارشى ئىدىيەسىنى تارقىتىش سورۇنى قىلغان.
سنىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، پەقەت مەسچىتنىڭ مېھرابىلا ئازراق ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، تورۇس، تام، دېرىزە، گىلەم قاتارلىقلار ئەسلى پېتى بويىچە ئىشلەتكەن. خىتايلار مەسچىتتە ھەر خىل ئۇسسۇل، مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ، ئىسلامنىڭ مۇقەددەس ئورۇنلىردىن بىرى، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىدىغان مەسچىتكە، شۇنداقلا بارلىق شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ھاقارەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلىدىن باشلاپ 5000 دىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەن. پەقەت يول بويىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۇچۇن قويۇپ قويغان. يەنە بىر قىسىم ساقلىنىپ قالغان مەسچىتلەرنى بولسا بەزمىخانا قىلىپ ئىشلىتىپ، ئسىلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلماقتا ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر: ھەر قانداق بىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەت ئورۇنلىرىنى ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى چېقىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى شەرقىي تۈركسىتاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمايدىكەن ياكى ھەرىكەتتىن توختاپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ جاۋابىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بېرىپ بولالمايدۇ، دېيشمەكتە.

https://www.facebook.com/zaomure.dawuti/videos/pcb.179650013191620/179649749858313/?type=3&theater

بۇ خەۋەر 1161 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2019 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق