خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى ۋە ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش كۈچەيمەكتە

خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى ۋە ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش كۈچەيمەكتە
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار ۋە ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بارغانسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، شەنبە كۈنىدىكى نامايىشتىلا 200دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى نامايىشچىلار تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، ئەينەك تام ۋە ئەينەك ئىشىكلىرى چېقىۋېتىلگەن، كىرىش ئېغىزىدىكى زالغا ئوت قويۇۋېتىلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، نامايىشچىلارنىڭ قىلمىشىنى «ياۋايىلىق» دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا بۇ قىلمىشنىڭ سىياسىي مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە چوڭ قۇرۇقلۇققا بولغان ئىغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي كومپارتىيەسى ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرلاشقان 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا خوڭكوڭنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن-تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەكىتلىگەن. ئانالىزچىلار بۇنىڭغا ئاساسەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خوڭكوڭدا ئاغدۇرمىچىلىققا قارشى قانۇن ماددىسىنى قوزغىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 23-ماددىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارىتا مەخسۇس قانۇن تۇرغۇزالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشنى قانۇنلۇق قىلالايدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شەنبە كۈنىدىكى بىر يۈرۈش نامايىشلاردا 200دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان. ئۇندىن باشقا سىياسىي مەيدانى ئوخشىمىغان نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپدارى بولغان بىر كىشى پىچاق بىلەن نامايىشچىلاردىن تۆت كىشىنى يارىلاندۇرغان.
خوڭكوڭدىكى نامايىش 22-ھەپتىسىگە قەدەم قويغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى قارشىلىق ئاساسلىقى خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا مەركەزلەشكەن.

بۇ خەۋەر 677 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2019 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق