خىتاينىڭ يەنە بىر زور كۆلەملىك خاككېرلىق ھەرىكىتى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ يەنە بىر زور كۆلەملىك خاككېرلىق ھەرىكىتى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ «ئوت كۆز» (Fire eye) ناملىق تور بىخەتەرلىك شىركىتى تۈنۈگۈن ئورگان تور بېتىدە ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتايغا تەۋە خاككېرلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى پۇقرا ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۇچۇر ۋە سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئوغرىلاپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر خاككېرلىق تەشكىلاتى «APT41» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خاككېرلىق تەشكىلاتى 2012-يىلىدىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىلغا كەلگەندە ئاندىن بايقالغان.
بۇ خاككېرلىق ھەرىكىتىنىڭ بۇرۇن ئاشكارىلانغان خاككېرلىق ھەرىكەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇلار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفونىغا ئەمەس، بەلكى شۇ دۆلەتتىكى ئالاقە شىركىتىنىڭ باش مۇلازىمېتىرىنى ۋىرۇسلاش ئارقىلىق لازىملىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك يانفون ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلانغانلىقىنى بىلەلمەيدىكەن.
دوكلاتتا ۋىرۇس ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خىتاينىڭ رەقىپ دۆلەتلىرىدىكى شىركەتلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئۇچۇرلىرى ئوغرىلانغانلار پۇقرالار بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ ئوخشاشلا ئوغرىلانغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرچە بۇ خىل ۋىرۇسنى ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يوق بولۇپ، ئالاھىدە مۇھىم ياكى خەتەرلىك ئۇچۇرلارنى يوللىماسلىق ئارقىلىق زىياندىن قىسمەن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 774 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2019 17:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق