داڭلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

داڭلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

فىرانسىيە 24 تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن داڭلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ كېيىنكى ھەپتە شاڭخەيدىكى بىر كونسېرتقا قاتنىشىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
مەركۇز ئۇچۇر شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتى كونسېرت مەركىزىنىڭ ئۈندىدار ھېساباتىدا تارقالغان بولۇپ، سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 4-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا مۇقام ئورۇنلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مۇخبىرلار بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر ئورۇنغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپ تېلېفوننى قوبۇل قىلمىغان.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە داڭلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن 2017-يىلى 11-ئايدىن تارتىپ تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە يەنە داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى ئادىل مىجىتنىڭمۇ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ لاگېردىن چىققاندىن كېيىن مەلۇم پائالىيەتكە قاتناشقان سىن كۆرۈنۈشى ئىجىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقالغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە خەلق سەنئەتكارلىرىمۇ مۇھىم زىيانكەشلىك ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئەمما يېقىنقى قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە خىتاينىڭ بىر قىسىم داڭلىق شەخسلەرنى قويۇۋېتىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ۋە تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بۇ خەۋەر 1362 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2019 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق