تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى

تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى
28-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور مەھمەد ئاكىف ئۆنجۈنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.
ھەيئەتنى پىروفېسسور مەھمەت ئاكىف ئۆنجۈ، دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلار ھەيئەت ئەزاسى ۋە تۈرك دۇنياسى تەشكىلاتلار رەئىسى دوكتور ئايخان يىلماز ئەپەندىلەر ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1208 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2019 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق