خىتاي گېزىتى خوڭكوڭ نامايىشىنى «قارا تېررورلۇق» دەپ سۈپەتلىدى

خىتاي گېزىتى خوڭكوڭ نامايىشىنى «قارا تېررورلۇق» دەپ سۈپەتلىدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى نامايىشلارغا قارىتا ئەيىبلەشنى ۋە قارا سۈركەشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئىشلىرى ئالاھىدە ئەمەلدارى شې فېڭ پەيشەنبە بىلدۈرگەن سۆزلىرىدە خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ ھەرگىزمۇ تىنچلىق نامايىشى ئەمەسلىكىنى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ نامايىشنى بۇرمىلاپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا نامايىشنى «غالجىرانە زوراۋانلىق ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان.
ئۇندىن باشقا خىتاي خەلق گېزىتىمۇ بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خوڭكوڭ نامايىشىنى «قارا تېررورلۇق» دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، نامايىش تۈپەيلىدىن خوڭكوڭنىڭ قالايمىقانچىلىققا تولغانلىقىنى، ئىقتىسادىدا قاتتىق چېكىنىش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي خەلق گېزىتى يەنە خوڭكوڭنىڭ سىياسىي ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكى بىر قىسىم دېموكراتچى زاتلارنى «ۋەتەن خائىنى، خوڭكوڭنى قالايمىقان قىلغۇچى» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، تەنقىد قىلغان.
ئۇندىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى يەنە خىتاي ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە داڭلىق شەخسلەردىن پايدىلىنىپ، خەۋەرلەرنى كونترول قىلىش ۋە بۇرمىلاش ئارقىلىق، خىتاي خەلقى ئىچىدە خوڭكوڭ خەلقىگە قارشى كەيپىياتنى قوزغىغان. خەلقئارا جامائەت بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن خىتاي خەلقىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدە زوراۋان كومپارتىيە تەرەپتە تۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 766 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق