دالاي لاما مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

دالاي لاما مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
24-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەتلەرنىڭ داھىيسى دالاي لاما مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينى تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرىق قىلدى.
خەۋەردە ئامېرىكا تىنچلىق تەتقىقات گۇرۇپپىسى خەلقئارا ئۇرۇش مالىمانچلىقى رايونى ياشلار بىخەتەرلىكىنى ھىمايە قىلىش يېتەكچىسى چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ھىندىستاننىڭ دالەنسالادا دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەت جەريانىدا دالاي لاما مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: «خىتايلارمۇ ئىنسان، بىزمۇ ئىنسان. جۇغراپىيە جەھەتتە بىر يەردە ئورتاق ياشىشىمىز لازىم. مەن 2008-يىلىدىن باشلاپ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلماي، خىتاي بىلەن مۇۋاپىق يوسۇندا چىقىشىپ ياشاش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە، «مۇستەقىللىق» دېگەن پەقەتلا بىر سىياسىي ئاتالغۇ خالاس. بىز مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلمايمۇ، خىتاي تەۋەلىكىدە ئورتاق ياشىيالايمىز».
دالاي لاما يەنە تىبەت ياشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە: «تىبەت يەنىلا سىياسىي جەھەتتە خىتاينىڭ بىر قىسمى. چۈنكى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا تىبەتنىڭ خىتايغا ئوخشىمايدىغان بىر رايون ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. شۇڭا خىتايدىكى بارلىق تىبەتلەر ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. ھازىر بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدار گۇرۇھلىرى تىبەت مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاي قورال كۈچىگە تايىنىۋاتىدۇ، بىراق بىز ھەققانىي كۈچكە تايىنىمىز. قورال كۈچى ئىشلارنى ۋاقىتلىق بەلگىلەيدۇ، ئەمما ھەققانىيەتنىڭ كۈچى ئىشلارنى مەڭگۈلۈك بەلگىلەيدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 576 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق