ئامېرىكا تۈركىيەگە يۈرگۈزمەكچى بولغان ئېمبارگونى بىكار قىلدى

ئامېرىكا تۈركىيەگە يۈرگۈزمەكچى بولغان ئېمبارگونى بىكار قىلدى
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان بارلىق ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان تىرامپ تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەردوغاننىڭ بولسا دۆلىتىنى سۆيىدىغان ۋە ناھايىتى ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتقان بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن يېقىندا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى، مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچېنغا تۈركىيەگە قارىتىلغان بارلىق ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 568 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق