تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى زىيارەت قىلدى

تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى زىيارەت قىلدى
-21ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور كامىل ئايدىننى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.
زىيارەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان خەلقنى سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا قاماش، ئۇلارنى ئىسلام ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى يەتكۈزدى.
ھەيئەت يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قارمىقىدا خىزمەت قىلىدىغان چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر باشقارمىسىنى زىيارەت قىلدى.
21- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر زىيارەتتە باشقارما رەئىسى ئابدۇللاھ ئەرەن بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. ئاخىرىدا ھەيئەت ئابدۇللاھ ئەرەن ۋە مەزكۇر باشقارمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت ئېيتىپ، تون ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈردى ھەمدە خاتىرە بويۇم ھەدىيە قىلدى.

 

بۇ خەۋەر 1171 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2019 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق