تۈركىيەنىڭ ئىلازىگدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيەنىڭ ئىلازىگدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

20-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئىلازىگ ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتنى ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (İHH)نىڭ ئىلازىگ ۋىلايىتى شۆبىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا توختىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بەش مىليون ئەتراپىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز جازا لاگېرىغا قاماپ، دىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، بالىلار لاگېرىغا يىغىۋېلىنغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇ خەۋەر 1308 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2019 22:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق