قىرغىزىستاندا بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى يوقاپ كەتتى

قىرغىزىستاندا بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى يوقاپ كەتتى

8-ئۆكتەبىر قىرغىزىستان بۇلاك تورى (Bulak.kg) بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاننىڭ بېشكەكتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى غوپۇر ئابدۇراھمان ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
غوپۇر ئابدۇراھمان 4- ئئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت ئالتە ئەتراپىدا قىرغىزىستاننىڭ مەدىنە بازىرىدىن ماشىنا بىلەن چىقىپ كەتكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ قەيەرگە بارغانلىقى، نەدە ئىكەنلىكى ھەممىگە سىر بولۇپ قالغان. ئەتىسى ئۇنىڭ دوستلىرى رايونلۇق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىپ، ئىز-دېرىكىنى قىلغان بولسىمۇ، بىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. غوپۇر ئابدۇراھماننىڭ دوستلىرى رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن ئۇنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلىشقا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار غوپۇر ئابدۇراھماننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن چارە ئىزدەپ باققان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھەققىدە ھېچقانداق ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان.

بۇ خەۋەر 1137 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2019 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق