مائارىپ جەمئىيىتى «تىنچلىق بۇلىقى» ھەرىكىتىنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى

مائارىپ جەمئىيىتى «تىنچلىق بۇلىقى» ھەرىكىتىنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى

17-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيەنىڭ تېرروچىلارنى تازىلاش ئۈچۈن سۇرىيەنىڭ شىمالىدا باشلىغان «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:
«ئەگەر مۇستەقىللىق، زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال 70 يىلدىن بېرى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، تىبەت، خوڭكوڭدىن باشلىساق توغرا بولغان بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، بارلىق دەپسەندىچىلىكلەرنى قىلغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ باشقا بىر دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەققىدە سۆز قىلىشى كۈلكىلىك بىر ئىش. خىتاي شەقىي تۈركىستان خەلقىنى شۇنچىلىك قىرغىن قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق زېمىن بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلۋاتقان تۇرۇپ، سۇرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن چالۋاقاشلىرى ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
تۈركىيەنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن باشلىغان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىگە ئارىلىشىپ ئەيىبلىگەن خىتاي ئەمەلىيەتتە سۇرىيەگە قوشۇن ئەۋەتتى. پ ك ك ، پ ي د لەرگە ئوخشاش تېررورچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا يانتاياق بولدى.
بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى نامى بىلەن تۈركىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز».

بۇ خەۋەر 781 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2019 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق