خىتايدىكى ئاخبارات خادىملىرى شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاندى

خىتايدىكى ئاخبارات خادىملىرى شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاندى

ب ب س خەۋەر تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا خىتايدىكى ئاخبارات خادىملىرىدىن شى جىنپىڭ ئىدىيەسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىگە ئالاقىدار ئىمتىھاندىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنغان.
مەزكۇر ئىمتىھانغا قاتنىشىش تەلەپ قىلىنغانلار خىتايدىكى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى، گېزىت-ژۇرناللار ۋە باشقا تاراتقۇلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان مۇخبىر ۋە مۇھەررىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بىر ئاي ئىچىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئۆتۈپ بولۇشى تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا لاياقەتلىك بولالمىغانلار ياكى قاتناشمىغانلارنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى يېڭىلىيالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس يانفون ئەپ تەييارلانغان بولۇپ، بارلىق ئاخبارات خادىملىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان. ئۆگىنىش ماتېرىيالىدا بارلىق سوئاللارنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى بېرىلگەن بولۇپ، ھەممىسىنى يادلاش تەلەپ قىلىنغان. مەسىلەن: «ئاخبارات خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپە نېمە؟» دېگەن سوئالنىڭ توغرا جاۋابى «خەۋەرنىڭ چىنلىقىدا چىڭ تۇرۇش» ئەمەس، بەلكى «ئىجابىي تەشۋىقات قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئىمتىھان ئېلىنىدىغان مەزمۇننىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئاخبارات كەسپىگە ئالاقىدار بولۇپ، ئاساسلىقى شى جىنپىڭ ئىدىيەسى ۋە كومپارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئاخبارات ساھەسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن. شى جىنپىڭ 2016-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خەلق گېزىتى قاتارلىق ئۈچ چوڭ مەركىزىي تاراتقۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كومپارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن. شۇ يىلى يەنە تور ئالاقىسىنى كونترول قىلىدىغان «تور بىخەتەرلىك قانۇنى» ماقۇللىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 819 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2019 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق