ئىستانبۇلدا دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتى باشلاندى

ئىستانبۇلدا دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتى باشلاندى

دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۈگۈن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودروم مەيدانىدا 4-قېتىملىق دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتى باشلاندى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى پائالىيەت مەيدانىدىكى مەخسۇس ئورۇندا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
بۇ پائالىيەتكە تۈرك دۇنياسىدىكى 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتنىشىدۇ، ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ، چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق تەنتەربىيە ساھەلىرىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ پائالىيەت 3-ئۆكتەبىردىن 6-ئۆكتەبىرگىچە تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

بۇ خەۋەر 1169 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2019 17:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق