ئامېرىكىدا يەنە بىر خىتاي جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى

ئامېرىكىدا يەنە بىر خىتاي جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدا ساياھەت يېتەكچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پېڭ شۆخۇا ئىسىملىك خىتاي جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئامېرىكىدا مەلۇم ساياھەت شىركىتىنى ئاچقان پېڭ شۆخۇا 2015-يىلىدىن تارتىپ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەخپىيەتلىكلەرنى بېيجىڭدىكى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئالاقىدار كىشىلەردىن ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇچۇرلارنى قايتىدىن شىفىرلاپ ساقلاپ، بېيجىڭدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىپ كەلگەن.
نۆۋەتتە سوت مەھكىمىسى ئۇنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشىنى رەت قىلغان بولۇپ، ئەگەر جىنايىتى بېكىتىلسە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 563 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2019 19:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق