ماھاتىر مۇھەممەد ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى

ماھاتىر مۇھەممەد ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى

28-سېنتەبر ئانادولۇ ئاگېنتىلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مالايشىيا باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ: «ئىسلام ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۇزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە سۈكۈت قىلىشى خىتاي كۈچىنىڭ تەسىرىدىن بولغان» دېگەن.

خەۋەردە ب د ت نىڭ 74-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ماخاتىر ئامېرىكا Bear News مۇخبىرىنىڭ «نېمە ئۈچۈن ئىسلام ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە سۈكۈت قىلىدۇ؟» دېگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا سۈكۈت قىلىشى خىتاي كۈچىنىڭ تەسىرىدىن بولۇۋاتىدۇ. خىتاي كۈچىيىپ كەتتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى توخىتىتىشقا كۈچىمىز  يەتمەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن يۈزمۇ يۈز قارشىلاشماي، يۇمشاق ۋاسىتىلەر ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم. مالايشىياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاي مالايشىيانىڭ مۇھىم سودا شېرىكى، كولالامپۇر خىتايغا قارشى تۇرالمايدۇ، شۇ سەۋەبلىك مۇۋاپىق يوللار ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. مالايشىيا مىيانمار مۇھاجىرلىرىغا ئاز-تولا ياردەم قىلغان بولسىمۇ، مىيانمار ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا  ياردەم قىلىشقا ئامالسىز قالدى.

بۇ خەۋەر 702 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2019 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق