خوڭكوڭدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

خوڭكوڭدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

25 - سىنتەبىر كۈنى خوڭكوڭدىكى نامايىشلار ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە خوڭكوڭدىكى خىتاي تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا جەم بولغان خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارشى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئېلىپ باردى.

نامايشىتا ئۇيغۇرلار ھازىر ياشاۋاتقان ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلدى.

سۆز قىلغۇچىلارنىڭ ئارقىسىدىكى دەرەخكە ئېسىلغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز دىققەت تارتتى.

نامايشىقا يەنە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىر ۋىدىئولۇق خىتاب يوللىغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

https://www.facebook.com/100006712249111/videos/pcb.2494207474146303/2494220554144995/?type=3&theater

 

بۇ خەۋەر 594 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2019 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق