تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى كاستامونۇ مۇفتىسىنى زىيارەت قىلدى

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى كاستامونۇ مۇفتىسىنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت 25-سېنتەبىر كاستامونۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇفتىسى ئەھمەد سۈزېن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا يۈرگۇزۈۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى  تونۇشتۇردى.

زىيارەتتە يەنە، كاستامونۇ مۇفتىلىقىنىڭ كاستامونۇدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان ياردەملىرىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ خاتىرە بويوم ھەدىيە قىلدى.

ھەيئەت زىيارەتتە يەنە، كاستامونۇ ۋىلايەتلىك ياشلار ۋە تەنتەربىيە مۈدىرى رېشات ئارساك ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.

زىيارەتتە، كاستامونۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان  ياردىمى ئۈچۈن تەشكىلاتلار  بىرلىكى نامىدىن رەھمەت ئېيىتتى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى.  

بۇ خەۋەر 1258 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2019 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق