كەشمىردە پاكىستاننىڭ خىتايغا زېمىن ھۆددىگە بېرىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

كەشمىردە پاكىستاننىڭ خىتايغا زېمىن ھۆددىگە بېرىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ھىندىستان ۋاقىت تورىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىدۈرۈلۈشىچە، كەشمىرنىڭ گانچى رايونىدىكى كۆپلىگەن خەلق پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ گىلگىت بالتىستاندىكى چارۋىچىلىق رايونىنى خىتايغا ھۆددىگە بەرگەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.
گىلگىت بالتىستان قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مىرزا ھۈسەيىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەيلىچە 300 گە يېقىن كاننى خىتايغا ھۆددىگە بەرگەنلىكىنى، بۇ قىلمىشنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نامايىشچىلار يوللارنى ئىگىلەپ، ئۆز زېمىنلىرىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياتلارغا بېرىۋېتىلگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى گىلگىت بالتىستان رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ رايون ئارقىلىق پاكىستان، ئافغانىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن تۇتىشالايدۇ. خىتاينىڭ كان شىركەتلىرى مەزكۇر رايوندىكى ئالتۇن، ئۇران، مىس قاتارلىق قىممەت باھالىق كان مەھسۇلاتلىرىنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن. خەلقئارادىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىغا قارشى ئاۋازىمۇ يېقىندىن بېرى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

بۇ خەۋەر 10716 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2019 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق