خىتاي ھەيئەتلىرى تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي ھەيئەتلىرى تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

20-سېنتەبىر خىتايدىن كەلگەن بىر ھەيئەت تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سېلىم كېران بىلەن كۆرۈشكەن.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتىن كىيىن ياۋۇز سېلىم تېۋىتىر ھېسابىدا «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تىخىمۇ تەرەقىي قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى ھەمبەھرىلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 20-سېنتەبىر تۈركىيە دېنىزلى شەھىرىنىڭ ۋالىيسى ھەسەن قاراخان خىتاي بىلەن قەرزىنى سودا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى جاڭجۇن بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ بانكىلاردىن بىرى بولغان ۋەقىف بانكىسى خىتاي بانكىسىدىن 140 مىليون دوللار قىممىتىدە بىر يىللىق قەرز ئالغان.

 

بۇ خەۋەر 684 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2019 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق